Microsoft تەمىنلىگەن سىن تەھرىرلىگۈچ Clipchamp ئارقىلىق بىر نەچچە چېكىپلا سىن ئىشلىيەلەيسىز. بۇ سىن ئىشلىگۈچنىڭ ئارايۈزى تەجرىبىسى يوقلارمۇ ئىشلىتەلەيدىغان قولايلىق شەكىلدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، سۆرەش، تاشلاش، كېسىش، چوڭلۇقىنى تەڭشەش، ئېكران خاتىرىلەش، سىن ئېلىش، تەھرىرلەش ئارقىلىقلا ئىش پۈتتۈرەلەيسىز، يەنە AI ئارقىلىق ئاۋاز بېرىشكە بولىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە، سودا تەشۋىقاتى، تەپسىلىي كۆرسەتمە قاتارلىقلار ھەققىدىكى سىنلارنى ئىشلەش Clipchamp ئارقىلىق ئاسانلىشىدۇ.
تەھرىرلىك قوراللىرى:
Clipchamp نىڭ توردا سىن تەھرىرلىگۈچىسى سىزنى ئاساسىي تەھرىرلەش ئىقتىدارى بىلەن قوراللاندۇرىدۇ. كېسىش، قىيىش، چۆرۈش، پارچىلاش، GIF ياساش، چوڭايتىش ۋە كىچىكلىتىش، تېزلىتىش ياكى ئاستىلىتىش، ئاۋاز قوشۇش ياكى چىقىرىش، سۈزۈش ۋە ئۆتۈشمە قاتارلىق ئىقتىدارلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوراللار سىن ئىشلەشكە ياردەم بېرىدۇ، تەجرىبىڭىز بولۇشى ھاجەتسىز.
Clipchamp دىكى AI ئىقتىدارلار ئارقىلىق سىن تەھرىرلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش:
- ئۆزلۈكىدىن ئىشلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆزئارالىق قىسقا سىنلارنى ئىشلىيەلەيسىز.
- تېكىستنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى 170 خىل AI ئاۋاز بېرىشنى قوللايدۇ. 70 خىل تىلدىن خالىغانچە تاللاپ ھەرخىل تۈستە ئاۋاز بېرەلەيسىز.
- ئەقلىي ئاۋاز تونۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق 140 خىل تىلدا راۋان شەكىلدە ئېكرانخەت ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.
ئاۋازىڭىز، كامېرا ۋە ئېكراننى خاتىرىلەش:
ئېكراندىن سىن ئېلىپ، كۆرسەتمە ياكى ئىنكاسلىق سىن ئىشلەپ چىقالايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئاۋاز بېرىپ، سىن ئوچۇقلۇقى، كەسپىيلىكى ۋە توسالغۇسىزلىقىنى كۈچەيتەلەيسىز.
بوغچا سىن ۋە ئاۋازدىن پايدىلىنىش:
ئامبىرىمىزدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك خاسلاشتۇرما سىنلار، ھەرىكەتلىك تەگلىكلەر، چاپلاقلار، ئىزاھاتلار، مۇزىكا ۋە ئاۋاز ئۈنۈملىرى ئىجادىيىتىڭىزنى پۈتتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بىز تەمىنلىگەن مەزمۇن ئامبىرىدىن مىليونلىغان ئىجازەت ھەققى تەلەپ قىلمايدىغان ۋە ئالىي بوغچا تاللانمىلارنى تاپالايسىز.
لايىھەلىگۈچىلەر ئىشلىگەن ۋە يېڭى باشلىغۇچىلارغا قولايلىق:
ھەقسىز سىن قېلىپلىرى ئارقىلىق نەچچە مىنۇت ئىچىدە كەسپىي سىن ئىشلەپ چىقالايسىز. قېلىپلىرىڭىزنى سىن، تېكىست، ماركا ۋە ئارقا سەھنە مۇزىكىسى ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرەلەيسىز. YouTube ئويۇنلىرىدىن تارتىپ سودىغىچە بولغان ھەرقانداق كەسىپنىڭ تەھرىرلىنىدىغان قېلىپلىرى بار، ۋاقىت تېجەشكە ياردەم بېرىدۇ.
سۈپەتلىك سىنلارنى ساقلاش ۋە سىز ئامراق ئەپلەردە ئورتاقلىشىش:
سىنلارنى 480p, 720p ياكى 1080p ئېنىقلىقتا بىۋاسىتە كومپيۇتېرغا ساقلىيالايسىز. بىۋاسىتە YouTube, LinkedIn, TikTok ۋە OneDrive غا ئورتاقلىشالايسىز. كومپيۇتېرىڭىزدا بوشلۇق يېتەرلىك بولمىسا، بىخەتەر مەزمۇن زاپاسلاش تاللانمىسى ئارقىلىق ساقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە قوراللار:
- ئويۇن يارقىن نۇقتىلىرى، YouTube تونۇشتۇرۇش سىنلىرى، سىنلىق تەكلىپ، توپلام سىن ۋە ھەتتا بىۋاسىتە تارقىتىش سىنلىرىنى Clipchamp ئارقىلىق ئىشلەشكە بولىدۇ.
- يېڭى توپلاشتۇرۇلغان Xbox كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق Xbox سىنلىرىنى بىۋاسىتە ئاچالايسىز، ھۆججەت يوللاش ھاجەتسىز.
- يېشىل ئېكرانلىق سىن تەھرىرلىگۈچ: تەگلىك ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇڭ. رەڭ دەرىجىسى ئۈنۈملىرى ئارقىلىق سىننىڭ بۆلەكلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە قاتلام قوشۇشقا بولىدۇ.
- ئىپادە ياسىغۇچ: ئايلانما سىن ۋە قىزىقارلىق GIF ياساشقا بولىدۇ.
كارخانىلار ئۈچۈن ئالاھىدە قوراللار:
- ماركا يۈرۈشلۈكى: ماركا تۇغى، ئۆزلەشتۈرمە فونت، رەڭ ۋە سۇباسما يۈكلەپ، ماركا يۈرۈشلۈكى قورالى ئارقىلىق خالىغان سىنغا قوللىنالايسىز.
- كارخانا سىنلىرىنى تەھرىرلەش: ئۇزۇن تورخەت يېزىشنىڭ ئورنىغا كامېرا ئارقىلىق سىن ئېلىپ، يىغىن خاتىرىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتالايسىز.
تېز تەھرىرلەشكە ياردەم بېرىدىغان قولايلىق تېزلەتمىلەر:
- بىر چېكىپلا سىننىڭ تۈز-تىك نىسبىتىنى تەڭشەپ، چاسا، تىك ياكى كىنوخانا ئۇسلۇبىدا ئىشلەشكە بولىدۇ
- كۆپ سىن كەسمىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى بوشلۇقنى چىقىرىۋېتىپ، بىر-بىرىگە راۋان ئۇلىيالايسىز
- سىن قاتلاملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىن گۇرۇپپىلىرىنى تەھرىرلەش ئاسان
- تېزلەتمە كۇنۇپكىلار ئارقىلىق توسالغۇسىز تەھرىرلەشنى سىناپ بېقىڭ
مۇشتەرىلىك پىلانى:
Clipchamp ئالىي نەشرى (ئالىي پىلاندا 1080p ئېنىقلىقتا سۇباسمىسىز چىقىرىش، ئالىي سىن، ئاۋاز ۋە رەسىم ئامبىرى، ئالىي سۈزگۈچ، ئۈنۈم، ماركا يۈرۈشلۈكى ۋە مەزمۇن زاپاسلاش ئىقتىدارلىرى بار.)
تەكلىپ بېرىش ۋە ئىقتىدار قوشۇشنى سوراش:
App Store دا بىزنى باھالاپ ۋە ئىنكاس يېزىپ، باشقىلارنىمۇ بۇ كۆڭۈللۈك مۇلازىمەتكە تەكلىپ قىلىڭ.