مېدىيا قويغۇچ سىزنىڭ كۆپ ۋاستىلىق مەزمۇنلىرىڭىزنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈشنى تېخىمۇ خۇشاللىنارلىق قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. مېدىيا قويغۇچنىڭ مەركىزىدە تولۇق ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئامبىرى بار بولۇپ، سىزنى مۇزىكىڭىزنى تېزلىكتە كۆرۈش ۋە قويۇشىڭىزنى، شۇنداقلا قويۇش تىزىملىكىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرالىشىڭىزنى ئىمكان قىلىدۇ. كومپيۇتېرىڭىزدىكى مۇزىكا ۋە سىن ھۆججەت قىسقۇچلىرىدىكى بارلىق مەزمۇنلار ئامبىرىڭىزدا ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ.